سۈرە 37 · پارە 23

سورة الصافات · 37:167

وَإِنْ كَانُوا لَيَقُولُونَ

ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە، اﷲ نىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيدۇ

تەپسىر

مەككە مۇشرىكلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىشتىن بۇرۇن: كاشكى بىزنىڭمۇ تەۋراتقا ئوخشاش ئىلگىرىكىلەردىن قالغان بىرەر كىتابىمىز بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۈچۈن خالىس ئىبادەت قىلغان بولاتتۇق، دېيىشەتتى. ھالبۇكى ئۇلار بۇ سۆزلىرىدە يالغانچىلاردۇر. چۈنكى دەرۋەقە ئۇلارغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىمنى ئېلىپ كەلسە ئۇلار ئۇنىڭغا كاپىر بولۇشتى. ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرغان قاتتىق ئازابنى چوقۇم بىلىپ قالىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ

سورة الصافات 37:167 · Tlawati