سۈرە 36 · پارە 23

سورة يس · 36:52

قَالُوا يَا وَيْلَنَا مَنْ بَعَثَنَا مِنْ مَرْقَدِنَا ۜ ۗ هَٰذَا مَا وَعَدَ الرَّحْمَٰنُ وَصَدَقَ الْمُرْسَلُونَ

ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! بىزنى ئۇخلاۋاتقان يېرىمىزدىن (يەنى قەبرىمىزدىن) كىم ئويغاتتى؟» دەيدۇ (چۈنكى ئۇلار ئىككى سۇر ئارىسىدا ئۇيقۇدا بولۇپ ئازابتىن خالى بولىدۇ)، (پەرىشتىلەر يا مۆمىنلەر ئۇنىڭغا جاۋابەن) «مېھرىبان اﷲ نىڭ ۋەدە قىلغىنى مۇشۇ (كۈن)، پەيغەمبەرلەر راست ئېيتقان» دەيدۇ

تەپسىر

قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغان بۇ كاپىرلار پۇشايمان قىلىپ: ۋاي ئىسىت! بىزنى قەبرىلىرىمىزدىن كىم چىقاردى؟ دېيىشىدۇ. ئاندىن ئۇلارنىڭ بۇ سوئاللىرىغا: بۇ ئاللاھ ۋەدە قىلغان ئىشتۇر، بۇ ئىش چوقۇم يۈز بېرەتتى. پەيغەمبەرلەر پەرۋەردىگارىدىن يەتكۈزگەن ئىشلاردا راست ئېيتقان ئىدى، دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ