سۈرە 36 · پارە 23

سورة يس · 36:40

لَا الشَّمْسُ يَنْبَغِي لَهَا أَنْ تُدْرِكَ الْقَمَرَ وَلَا اللَّيْلُ سَابِقُ النَّهَارِ ۚ وَكُلٌّ فِي فَلَكٍ يَسْبَحُونَ

كۈننىڭ ئايغا يېتىۋېلىشى (يەنى ئىككىسىنىڭ جەم بولۇپ قېلىشى)، كېچىنىڭ كۈندۈزدىن ئېشىپ كېتىشى (يەنى ۋاقتى كەلمەستىن كۈندۈزنىڭ ئورنىنى ئېلىشى) مۇمكىن ئەمەس، ھەر بىرى پەلەكتە ئۈزۈپ تۇرىدۇ

تەپسىر

قۇياش بىلەن ئاينىڭ ۋە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالامەتلىرى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۇلار ئاللاھ ئۆزلىرىگە بېكىتىپ بەرگەن چەكتىن ئۆتۈپ كەتمەيدۇ. مەسىلەن قۇياشنىڭ ئۆز يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ ئايغا يېتىشىۋېلىشى ياكى ئۇنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈۋېتىشى مۇمكىن ئەمەس، كېچىنىڭمۇ كۈندۈزنىڭ ئالدىغا چىقىپ كېتىپ، كۈندۈزنىڭ ۋاقتى ئاخىرلاشماي تۇرۇپ كۈندۈزگە كىرىۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس. مۇشۇ مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇندۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلاردىن باشقا نۇرغۇنلىغان پىلانېتلار ۋە سەييارىلەر باردۇركى، ئۇلارنىڭمۇ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە نازارىتى ئاستىدا ئۆزلىرىگە خاس ئوربىتىلىرى بار.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ