سۈرە 36 · پارە 22

سورة يس · 36:26

قِيلَ ادْخُلِ الْجَنَّةَ ۖ قَالَ يَا لَيْتَ قَوْمِي يَعْلَمُونَ

(قەۋمى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا) «جەننەتكە كىرگىن» دېيىلدى، ئۇ: «كاشكى قەۋمىم پەرۋەردىگارىمنىڭ ماڭا مەغپىرەت قىلغانلىقنى ۋە مېنى ھۈرمەتلىكلەردىن قىلغانلىقىنى بىلسە ئىدى» دېدى

تەپسىر

ئۇ شېھىت بولغاندىن كېيىن ئۇنى ھۆرمەتلەپ: جەننەتكە كىرگىن، دېيىلدى. ئۇ جەننەتكە كىرىپ، جەننەتنىڭ ئىچىدىكى نازۇنېئمەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن (قەۋمىنىڭمۇ مۇشۇ جەننەتكە كىرىشىنى) ئارزۇ قىلىپ: كاشكى مېنى يالغانغا چىقىرىپ، ئۆلتۈرۈۋەتكەن قەۋمىم گۇناھلىرىمنىڭ مەغپىرەت قىلىنغانلىقىنى ۋە پەرۋەردىگارىمنىڭ مېنى ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرگەنلىكىنى بىلگەن بولسىچۇ! (كاشكى ئۇلارمۇ) مەن ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتىپ، ماڭا ئوخشاش مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن بولسىچۇ! دەيدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ