سۈرە 35 · پارە 22
سورة فاطر · 35:37
وَهُمْ يَصْطَرِخُونَ فِيهَا رَبَّنَا أَخْرِجْنَا نَعْمَلْ صَالِحًا غَيْرَ الَّذِي كُنَّا نَعْمَلُ ۚ أَوَلَمْ نُعَمِّرْكُمْ مَا يَتَذَكَّرُ فِيهِ مَنْ تَذَكَّرَ وَجَاءَكُمُ النَّذِيرُ ۖ فَذُوقُوا فَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ نَصِيرٍ
ئۇلار دوزاختا: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى چىقىرىۋەتسەڭ (دۇنيادىكى ۋاقىتتا) قىلغان ئەمەللىرىمىزدىن باشقا ئەمەللەرنى قىلساق» دەپ يالۋۇرۇپ توۋلايدۇ. (اﷲ ئېيتىدۇ) «سىلەرگە ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىپ، ۋەز - نەسىھەت ئالىدىغان ئادەم ۋەز - نەسىھەت ئالالىغۇدەك ۋاقىت بەرمىدىممۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلدىغۇ، ئەمدى ئازابنى تېتىڭلار، زالىملارغا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى يوق»
تەپسىر
ئۇلار يالۋۇرۇپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چوقان سېلىشىپ: ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى دوزاختىن چىقىرىۋەتسەڭ، رازىلىقىڭغا ئېرىشىپ، ئازابىڭدىن قۇتۇلۇشىمىز ئۈچۈن ئىلگىرى دۇنيادا قىلغاندىن باشقا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىۋالساق، دېيىشىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا جاۋابەن: بىز سىلەرگە پەند - نەسىھەت ئېلىشقا بەل باغلىغان كىشى پەند - نەسىھەت ئېلىپ، ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىۋالغۇدەك ئۆمۈر بەرمىدۇقمۇ؟ سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەر كەلمىدىمۇ؟ بۇنچە ئىشلاردىن كېيىن ئەمدى سىلەرنىڭ باھانە - سەۋەبلىرىڭلار ئاقمايدۇ. شۇڭا ئەمدى دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار. كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرالايدىغان ياكى ئۇلاردىن ئازابنى يەڭگىللىتەلەيدىغان بىرەر ياردەمچى بولمايدۇ، دەيدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ