سۈرە 35 · پارە 22

سورة فاطر · 35:32

ثُمَّ أَوْرَثْنَا الْكِتَابَ الَّذِينَ اصْطَفَيْنَا مِنْ عِبَادِنَا ۖ فَمِنْهُمْ ظَالِمٌ لِنَفْسِهِ وَمِنْهُمْ مُقْتَصِدٌ وَمِنْهُمْ سَابِقٌ بِالْخَيْرَاتِ بِإِذْنِ اللَّهِ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الْفَضْلُ الْكَبِيرُ

ئاندىن بىز كىتاب (يەنى قۇرئان) نى بەندىلىرىمىزدىن بىز تاللىغان كىشىلەرگە مىراس قىلىپ بەردۇق. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىدۇر (يەنى قۇرئاننى تىلاۋەت قىلغان بىلەن ئەمەل قىلمايدۇ)، بەزىسى ئوتتۇراھالدۇر (يەنى كۆپ چاغلاردا قۇرئانغا ئەمەل قىلىپ، قىسمەن چاغلاردا ئەمەل قىلمايدۇ) ۋە بەزىسى اﷲ نىڭ ئىزنى بويىچە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغۇچىدۇر. ئەنە شۇ كاتتا مەرھەمەتتۇر

تەپسىر

ئاندىن بىز قۇرئاننى باشقا ئۈممەتلەردىن ئۈستۈن قىلغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە بەردۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھارام قىلىنغان ئىشلارنى قىلىش ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلماسلىق بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارمۇ بار. قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىپ، چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلمىغان بولسىمۇ، بىر قىسىم مۇستەھەب ئىشلارنى قىلماي، مەكرۇھ ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق نورمال يول تۇتىدىغانلارمۇ بار. يەنە ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ياخشىلىقلارغا ئالدىرىغۇچىلارمۇ بار. ۋاجىباتلارنى ۋە مۇستەھەبلەرنى قىلىش، ھاراملارنى ۋە مەكرۇھلارنى قىلماسلىق قاتارلىق يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ ئىش بۇ ئۈممەتنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا قۇرئان بېرىلىشىنىڭ سەۋەبىدىندۇركى، بۇ ھېچقانداق ئارتۇقچىلىق تەڭ كەلمەيدىغان بۈيۈك پەزىلەتتۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ