سۈرە 35 · پارە 22

سورة فاطر · 35:3

يَا أَيُّهَا النَّاسُ اذْكُرُوا نِعْمَتَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ ۚ هَلْ مِنْ خَالِقٍ غَيْرُ اللَّهِ يَرْزُقُكُمْ مِنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ ۚ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ فَأَنَّىٰ تُؤْفَكُونَ

ئى ئىنسانلار! اﷲ نىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار، اﷲ تىن باشقا سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىپ تۇرىدىغان ياراتقۇچى بارمۇ؟ اﷲ تىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، (اﷲ نىڭ ئىبادىتىدىن) قانداقمۇ باش تارتىسىلەر؟

تەپسىر

ئەي ئىنسانلار! دىلىڭلار ، تىلىڭلار ۋە ئەمەلىيىتىڭلار ئارقىلىق ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار. ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇش ھەمدە زېمىندىن تۈرلۈك مېۋىلەرنى ۋە زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق سىلەرگە رىزىق بېرىپ تۇرىدىغان ئاللاھتىن باشقا ياراتقۇچى بارمۇ؟ ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوق. شۇنداق تۇرۇپ سىلەر قانداقسىگە بۇ ھەقىقەتتىن بۇرۇلۇپ، ئاللاھقا يالغاننى توقۇپ، ئۇنىڭ شېرىكلىرى بار، دەپ بىلجىرلايسىلەر؟ ھالبۇكى ئۇ سىلەرنى ياراتقان ھەم رىزىق بەرگەن زاتتۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ