سۈرە 35 · پارە 22
سورة فاطر · 35:25
وَإِنْ يُكَذِّبُوكَ فَقَدْ كَذَّبَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ جَاءَتْهُمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ وَبِالزُّبُرِ وَبِالْكِتَابِ الْمُنِيرِ
ئۇلار سېنى ئىنكار قىلسا، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرمۇ (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى، (ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان سەھىپىلەرگە ئوخشاش) سەھىپىلەرنى، (تەۋرات، ئىنجىلدەك) نۇرلۇق كىتابلارنى ئېلىپ كەلدى
تەپسىر
ئى پەيغەمبەر! قەۋمىڭ سېنى ئىنكار قىلسا سەۋر قىلغىن. چۈنكى سەن قەۋمى ئىنكار قىلغان تۇنجى پەيغەمبەر ئەمەسسەن. مەسىلەن، ئاد، سەمۇد ۋە لۇت قەۋمىگە ئوخشاش ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمۇ پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئۆزلىرىنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان روشەن دەلىل - پاكىتلارنى ئېلىپ كەلسىمۇ ئۇلارنى ئىنكار قىلىشتى. پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا، يەنى تەپەككۇر قىلىپ، ئويلىنىدىغان كىشىلەرگە سەھىپىلەرنى ۋە نۇرلۇق كىتابلارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ