سۈرە 35 · پارە 22
سورة فاطر · 35:18
وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَىٰ ۚ وَإِنْ تَدْعُ مُثْقَلَةٌ إِلَىٰ حِمْلِهَا لَا يُحْمَلْ مِنْهُ شَيْءٌ وَلَوْ كَانَ ذَا قُرْبَىٰ ۗ إِنَّمَا تُنْذِرُ الَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ بِالْغَيْبِ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ ۚ وَمَنْ تَزَكَّىٰ فَإِنَّمَا يَتَزَكَّىٰ لِنَفْسِهِ ۚ وَإِلَى اللَّهِ الْمَصِيرُ
ھېچبىر گۇناھكار ئادەم بىراۋنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ، گۇناھى ئېغىر بىر ئادەم باشقا بىراۋنى ئۆز گۇناھىنى ئۈستىگە ئېلىۋېلىشقا چاقىرسا، ئۇ يېقىن تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ گۇناھىدىن ئازراق نەرسىنى ئۈستىگە ئېلىۋالالمايدۇ، سەن پەقەت پەرۋەردىگارىنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭدىن قورقىدىغانلارنى، نامازنى ئادا قىلىدىغانلارنى ئاگاھلاندۇرىسەن، كىمكى (گۇناھلاردىن) پاكلىنىدىكەن، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن پاكلانغان بولىدۇ. ئاخىر قايتىدىغان جاي اﷲ نىڭ دەرگاھىدۇر
تەپسىر
ھېچبىر گۇناھكار بىراۋنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، ئەكسىچە ھەر كىم ئۆز گۇناھىغا مەسئۇلدۇر. ناۋادا گۇناھى ئېغىر بىر ئادەم بىراۋنى ئۆز گۇناھىدىن ئازراق بىر قىسمىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلسا، گەرچە ئۇ يېقىن ئۇرۇق - تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ گۇناھلىرىدىن ھېچنەرسىنى ئۈستىگە ئالغىلى ئۇنىمايدۇ. -ئەي پەيغەمبەر!- سەن پەقەت پەرۋەردىگارىنى كۆرمەي تۇرۇپ قورقىدىغان، نامازلىرىنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىدىغانلارنىلا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتالايسەن. چۈنكى ئۇلار سېنىڭ قورقۇتۇشۇڭدىن پايدىلىنالايدۇ. -ئەڭ چوڭى شېرىك بولغان- گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن پاكلانغان كىشى پەقەت ئۆزىنى پاكلىغان بولىدۇ. چۈنكى بۇنىڭ پايدىسىنى ئۆزى كۆرىدىغان بولۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭ تائەت - ئىبادەتلىرىدىن بىھاجەتتۇر. قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قايتىپ بارىدىغان جاي پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ