سۈرە 35 · پارە 22
سورة فاطر · 35:13
يُولِجُ اللَّيْلَ فِي النَّهَارِ وَيُولِجُ النَّهَارَ فِي اللَّيْلِ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ كُلٌّ يَجْرِي لِأَجَلٍ مُسَمًّى ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ لَهُ الْمُلْكُ ۚ وَالَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ مَا يَمْلِكُونَ مِنْ قِطْمِيرٍ
اﷲ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ (شۇنىڭ بىلەن كېچە - كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن - قىسقا بولۇشى جايلار، پەسىللەر بويىچە نۆۋەتلىشىپ تۇرىدۇ)، اﷲ كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە) بويسۇندۇرۇپ بەردى. ھەر ئىككىلىسى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى قىيامەتكىچە ئۆز ئوقىدا) سەير قىلىدۇ، ئەنە شۇ اﷲ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، پادىشاھلىق ئۇنىڭغا خاستۇر، اﷲ نى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلار قىلچىلىك نەرسىگە ئىگە ئەمەس
تەپسىر
ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق كۈندۈزنى ئۇزۇن قىلىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق كېچىنى ئۇزۇن قىلىدۇ. ئاللاھ قۇياش بىلەن ئاينى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئۇلاردىن ھەر بىرى قىيامەت كۈنىدىن ئىبارەت پەقەت ئاللاھلا بىلىدىغان مۇئەييەن مۇددەتكىچە توختىماي مېڭىپ تۇرىدۇ. مۇشۇنداق بولۇشىنى بېكىتكەن ھەم ئۇنى ماڭدۇرغان زات پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھتۇر. پادىشاھلىق يالغۇز ئۇنىڭغا خاستۇر. سىلەر ئۇنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلار خورمىنىڭ ئۇرۇقىدىكى يىپقا چاغلىق نەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ. (شۇنداق تۇرۇپ) سىلەر قانداقسىگە ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا چوقۇنۇسىلەر؟
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ