سۈرە 35 · پارە 22
سورة فاطر · 35:10
مَنْ كَانَ يُرِيدُ الْعِزَّةَ فَلِلَّهِ الْعِزَّةُ جَمِيعًا ۚ إِلَيْهِ يَصْعَدُ الْكَلِمُ الطَّيِّبُ وَالْعَمَلُ الصَّالِحُ يَرْفَعُهُ ۚ وَالَّذِينَ يَمْكُرُونَ السَّيِّئَاتِ لَهُمْ عَذَابٌ شَدِيدٌ ۖ وَمَكْرُ أُولَٰئِكَ هُوَ يَبُورُ
كىمكى (دۇنيادا) شەرەپ ئىزدەيدىكەن، شەرەپنىڭ ھەممىسى اﷲ قا مەنسۇپ (ئۇنى اﷲ تىن تىلىسۇن). ياخشى سۆز اﷲ نىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ، ياخشى ئەمەل ئۇنى كۆتۈرىدۇ، (پەيغەمبەرگە قارشى) ھىيلە - مىكىرلەرنى تۈزىدىغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكرى ئىشقا ئاشمايدۇ
تەپسىر
كىمكى دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە شەرەپ ئىزدەيدىكەن، شەرەپنى پەقەت ئاللاھتىنلا تىلىسۇن. چۈنكى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى پۈتۈن شەرەپ ئاللاھقا خاستۇر. بەندىنىڭ ياخشى سۆزلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ، ئاللاھ ياخشى بەندىسىنىڭ ئەمىلىنى دەرگاھىغا ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ. -پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشقا ئوخشاش- سۇيىقەست پىلانلىغانلار ئېغىر ئازابقا دۇچار بولىدۇ. كاپىرلارنىڭ ھىيلە - مىكرىلىرى بەربات بولىدۇ، مەقسىتى ئىشقا ئاشمايدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ