سۈرە 35 · پارە 22

سورة فاطر · 35:1

الْحَمْدُ لِلَّهِ فَاطِرِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ جَاعِلِ الْمَلَائِكَةِ رُسُلًا أُولِي أَجْنِحَةٍ مَثْنَىٰ وَثُلَاثَ وَرُبَاعَ ۚ يَزِيدُ فِي الْخَلْقِ مَا يَشَاءُ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ

جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى، پەرىشتىلەرنى ئىككى قاناتلىق، ئۈچ قاناتلىق، تۆت قاناتلىق ئەلچىلەر قىلغۇچى اﷲ قا خاستۇر! اﷲ يارىتىشتا خالىغىنىنى زىيادە قىلىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر

تەپسىر

بارلىق ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقان ئاللاھقا خاستۇر. ئۇ پەرىشتىلەر ئىچىدىن تەقدىردە پۈتۈلگەن بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىدىغان ئەلچىلەرنى قىلدى. ئۇلارنىڭ بەزىسى پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي يەتكۈزىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىسىنى ئۇرۇندىشىغا كۈچ قاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى قاناتلىق، ئۈچ قاناتلىق ھەم تۆت قاناتلىقلىرىمۇ بار. ئۇلار شۇ قاناتلىرى بىلەن پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇچىدۇ. ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلىرىغا ئۆزى خالىغان بىرەر ئەزانى ياكى گۈزەللىكنى ياكى ئاۋازنى ئارتۇق بېرىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، ئۇنى ھېچنەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ