سۈرە 34 · پارە 22

سورة سبأ · 34:9

أَفَلَمْ يَرَوْا إِلَىٰ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ مِنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ ۚ إِنْ نَشَأْ نَخْسِفْ بِهِمُ الْأَرْضَ أَوْ نُسْقِطْ عَلَيْهِمْ كِسَفًا مِنَ السَّمَاءِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لِكُلِّ عَبْدٍ مُنِيبٍ

ئۇلار ئالدىدىكى ۋە ئارقىسىدىكى (ئۇلارنى ئوراپ تۇرغان) ئاسمان بىلەن زېمىنغا قارىمامدۇ؟ ئەگەر خالىساق ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزىمىز، ياكى ئاسماننى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پارچە - پارچە قىلىپ چۈشۈرىمىز. بۇنىڭدا اﷲ قا قايتقۇچى ھەر بەندە ئۈچۈن ئەلۋەتتە (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بار

تەپسىر

قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلىدىغان بۇ ئادەملەر ئالدىدىكى زېمىنغا، كەينىدىكى ئاسمانغا قارىمامدۇ؟ ئەگەر ئۇلارنى ئۆزلىرى دەسسەپ تۇرغان زېمىنغا يۇتقۇزۇۋېتىشنى خالىساق يۇتقۇزۇۋېتەتتۇق. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئاسماننى پارچە - پارچە قىلىپ چۈشۈرۈشنى خالىساق چۈشۈرەتتۇق. ھەقىقەتەن بۇنىڭدا پەرۋەردىگارىنىڭ ئىتائىتىگە قايتقۇچى ھەرقانداق بەندىگە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان يارقىن دەلىللەر بار. دېمەك؛ مۇشۇنداق ئىشلارغا كۈچى يەتكەن زات زات سىلەرنى ئۆلۈپ كىتىپ، جەسىتىڭلار تىتما - تىتما بولۇپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىردۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ