سۈرە 34 · پارە 22
سورة سبأ · 34:46
۞ قُلْ إِنَّمَا أَعِظُكُمْ بِوَاحِدَةٍ ۖ أَنْ تَقُومُوا لِلَّهِ مَثْنَىٰ وَفُرَادَىٰ ثُمَّ تَتَفَكَّرُوا ۚ مَا بِصَاحِبِكُمْ مِنْ جِنَّةٍ ۚ إِنْ هُوَ إِلَّا نَذِيرٌ لَكُمْ بَيْنَ يَدَيْ عَذَابٍ شَدِيدٍ
ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە بىر ئىشنى تەۋسىيە قىلىمەن: سىلەر خۇدالىق ئۈچۈن ئىككىدىن، يا بىردىن تۇرۇڭلار (يەنى اﷲ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن يىغىلىپ ياكى يەككە ھالدا ھەقنى تىلەڭلار)، ئاندىن پىكىر يۈرگۈزۈڭلار». ھەمراھىڭلاردا (يەنى مۇھەممەدتە) ھېچ مەجنۇنلۇق يوق، پەقەت ئۇ قاتتىق ئازاب نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر
تەپسىر
ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكارلاغا ئېيتقىنكى، مەن سىلەرگە كۆيۈنگەن ئاساستا مۇنداق بىر ئىشقا تەۋسىيە قىلاي: سىلەر ھاۋايى - ھەۋەسلىرىڭلاردىن خالىي ھالدا ئاللاھ ئۈچۈن ئىككىدىن - ئىككىدىن ياكى يالغۇز تۇرۇپ، ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد) نىڭ ئۆتمۈشى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىڭلار. ئۇنىڭ ئەقىللىقلىقىنى، راستچىللىقىنى ۋە ئامانەتچانلىقىنى سىلەرمۇ بىلىسىلەر. (مۇشۇنداق قىلساڭلار) ئۇنىڭ ساراڭ ئەمەسلىكىنى چوقۇم بىلىپ قالىسىلەر. ئۇ پەقەت ئەگەر سىلەر شېرىك كەلتۈرگەنلىكىڭلاردىن ئاللاھقا تەۋبە قىلمىساڭلار، سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ