سۈرە 34 · پارە 22

سورة سبأ · 34:36

قُلْ إِنَّ رَبِّي يَبْسُطُ الرِّزْقَ لِمَنْ يَشَاءُ وَيَقْدِرُ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ

ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن، پەرۋەردىگارىم كىمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىشنى خالىسا ئۇنى كەڭ قىلىدۇ، (كىمنىڭ رىزقىنى تار قىلىشنى خالىسا ئۇنى) تار قىلىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (بۇنى) ئۇقمايدۇ»

تەپسىر

ئى پەيغەمبەر! ئېرىشكەن ھۇزۇر - ھالاۋەتتىن مەغرۇرلىنىپ كەتكەن بۇ ئادەملەرگە ئېيتقىنكى، پەرۋەردىگارىم ئۆزى خالىغان كىشىنى شۈكۈر قىلامدۇ ياكى تۇزكورلۇق قىلامدۇ؟ دەپ سىناش ئۈچۈن رىزقىنى كەڭرى قىلىدۇ، خالىغان كىشىنى سەۋر قىلامدۇ ياكى ۋايسامدۇ؟ دەپ سىناش ئۈچۈن رىزقىنى تار قىلىدۇ. لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى ئاللاھنىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقىنى، ھەر قانداق ئىشنى چوقۇم مۇكەممەل ھېكمەت بىلەن ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بۇنى بىلگەنلەر بىلدى، بىلمىگەنلەر بىلمىدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ

سورة سبأ 34:36 · Tlawati