سۈرە 34 · پارە 22

سورة سبأ · 34:33

وَقَالَ الَّذِينَ اسْتُضْعِفُوا لِلَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا بَلْ مَكْرُ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ إِذْ تَأْمُرُونَنَا أَنْ نَكْفُرَ بِاللَّهِ وَنَجْعَلَ لَهُ أَنْدَادًا ۚ وَأَسَرُّوا النَّدَامَةَ لَمَّا رَأَوُا الْعَذَابَ وَجَعَلْنَا الْأَغْلَالَ فِي أَعْنَاقِ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ هَلْ يُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ

بوزەك قىلىنغانلار چوڭچىلىق قىلغانلارغا: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، (سىلەرنىڭ بىزگە) كېچە - كۈندۈز قىلغان ھىيلە - مىكرىڭلار (بىزنى ئىماندىن توستى)، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىزنى اﷲ نى ئىنكار قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيتتۇڭلار» دەيدۇ. ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلار (ھەر ئىككى گۇرۇھ ئىمان ئېيتمىغانلىقلىرىغا) ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ، كاپىرلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلارنى سالىمىز، ئۇلارغا پەقەت قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ

تەپسىر

خوجايىنلىرى بوزەك قىلغان ئەگەشكۈچىلەر ھەقتىن چوڭچىلىق قىلغان يولباشچىلىرىغا مۇنداق دەيدۇ: سىلەرنىڭ بىزگە كېچە - كۈندۈز قىلغان ھىيلە - مىكرىڭلار بىزنى توغرا يولدىن توستى. ئەينى چاغدا سىلەر بىزنى ئاللاھقا كاپىر بولۇشقا، ئۇنى قويۇپ مەخلۇقلارغا چوقۇنۇشقا بۇيرۇيتتىڭلار، دەيدۇ. ئۇلار ئازابنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن چاغدا دۇنيادىكى كۇپۇرلۇقلىرىغا ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ. بىز كاپىرلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلارنى سالىمىز. ئۇلارنىڭ بۇنداق جازاغا ئۇچرىشى پەقەت دۇنيادىكى ۋاقىتتا ئاللاھتىن باشقىسىغا چوقۇنغانلىقى ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكى تۈپەيلىدىندۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ