سۈرە 34 · پارە 22

سورة سبأ · 34:31

وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لَنْ نُؤْمِنَ بِهَٰذَا الْقُرْآنِ وَلَا بِالَّذِي بَيْنَ يَدَيْهِ ۗ وَلَوْ تَرَىٰ إِذِ الظَّالِمُونَ مَوْقُوفُونَ عِنْدَ رَبِّهِمْ يَرْجِعُ بَعْضُهُمْ إِلَىٰ بَعْضٍ الْقَوْلَ يَقُولُ الَّذِينَ اسْتُضْعِفُوا لِلَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا لَوْلَا أَنْتُمْ لَكُنَّا مُؤْمِنِينَ

كاپىرلار: «بۇ قۇرئانغا ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىتابلارغا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دەيدۇ. ئەگەر زالىملارنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا توختىتىپ قويۇلغان چاغدا بەزىسى بەزىسى بىلەن جېدەللىشىۋاتقاندا كۆرسەڭ ئىدىڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالنى كۆرەتتىڭ)، بوزەك قىلىنغانلار چوڭچىلىق قىلغانلارغا: «ئەگەر سىلەر بولمىساڭلار بىز چوقۇم ئىمان ئېيتاتتۇق» دەيدۇ

تەپسىر

ئاللاھقا كاپىر بولغانلار: بىز مۇھەممەد ئۆزىگە نازىل قىلىنغانلىقىنى دەۋا قىلغان قۇرئانغا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز، ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارغىمۇ ئىشەنمەيمىز، دېيىشتى. - ئەي پەيغەمبەر!- ئەگەر زالىملارنىڭ قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ھېساب ئۈچۈن توختىتىپ قويۇلغان چاغدىكى ھالىتىنى كۆرگەن بولساڭ، (ئەلۋەتتە دەھشەتلىك بىر مەنزىرىنى كۆرگەن بولاتتىڭ). ئۇ چاغدا ئۇلار ئۆزئارا تاكاللىشىپ، مەسئۇلىيەتنى بىر - بىرىگە ئارتىشىپ، تاپا - مالامەت قىلىشىدۇ. بوزەك قىلىنغان ئەگەشكۈچىلەر دۇنيادا ئۆزلىرىنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغان خوجايىنلىرىغا: ناۋادا سىلەر بىزنى ئازدۇرمىغان بولساڭلار، چوقۇم ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان بولاتتۇق، دەيدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ