سۈرە 34 · پارە 22

سورة سبأ · 34:19

فَقَالُوا رَبَّنَا بَاعِدْ بَيْنَ أَسْفَارِنَا وَظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ فَجَعَلْنَاهُمْ أَحَادِيثَ وَمَزَّقْنَاهُمْ كُلَّ مُمَزَّقٍ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِكُلِّ صَبَّارٍ شَكُورٍ

ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! سەپەرلىرىمىز ئارىسىنى (يەنى ئۆتەڭلار ئارىسىدىكى مۇساپىنى) يىراق قىلغىن» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى. ئۇلارنى بىز (كېيىنكى كىشىلەرگە) چۆچەك قىلىپ قالدۇردۇق. ئۇلارنى تىرىپىسىن قىلىۋەتتۇق، بۇنىڭغا ھەر بىر (بالاغا) سەۋر قىلغۇچى، (نېمەتكە) شۈكۈر قىلغۇچى ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار

تەپسىر

ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە مۇساپىلەرنى يېقىنلاشتۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىگە ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ: ئى پەرۋەردىگارىمىز! ئاشۇ كەنتلەرنى يوق قىلىۋېتىش ئارقىلىق سەپەرلىرىمىزنىڭ مۇساپىسىنى ئۇزۇن قىلغىنكى، بىز سەپەرنىڭ مۇشەققىتىنى تېتايلى، ئۇلاغلىرىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىمۇ نامايان بولسۇن، دېيىشتى. ئۇلار ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىنى كۆزگە ئىلماي، شۈكۈر قىلىشتىن يۈز ئۆرۈپ، ئارىسىدىكى كەمبەغەللەرگە ھەسەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى كېيىنكىلەر ئارىسىدا سۆز - چۆچەك قىلدۇق، ئۇلارنى ئۆزئارا تېپىشالمايدىغان دەرىجىدە يۇرت - يۇرتلارغا چېچىۋەتتۇق. شەكسىزكى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىشلاردا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتا چىداملىق، گۇناھلاردىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان، خاپىلىقلارغا سەۋر قىلالايدىغان، ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىدىغان ھەر قانداق كىشىگە ئىبرەت بار.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ