سۈرە 34 · پارە 22
سورة سبأ · 34:13
يَعْمَلُونَ لَهُ مَا يَشَاءُ مِنْ مَحَارِيبَ وَتَمَاثِيلَ وَجِفَانٍ كَالْجَوَابِ وَقُدُورٍ رَاسِيَاتٍ ۚ اعْمَلُوا آلَ دَاوُودَ شُكْرًا ۚ وَقَلِيلٌ مِنْ عِبَادِيَ الشَّكُورُ
ئۇلار سۇلەيمانغا ئۇ خالىغان كاتتا سارايلارنى، (مىستىن - ئەينەكتىن ئاجايىپ) ھەيكەللەرنى، كۆلدەك چوڭ لېگەنلەرنى، (چوڭلۇقتىن) مىدىرلىمايدىغان قازانلارنى ياسايتتى، (ئېيتتۇقكى) «ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر! (اﷲ نىڭ بۇ چوڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلىڭلار»، مېنىڭ بەندىلىرىمدىن (اﷲ نىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلغۇچى بەك ئاز
تەپسىر
بۇ جىنلار سۇلايماننىڭ خالىغىنى بويىچە ناماز ئوقۇيدىغان مەسچىتلەرنى، سارايلارنى، سۈرەتلەرنى ۋە چوڭ سۇ كۆلچەكلىرىگە ئوخشاش نەرسىلەرنى ھەمدە چوڭلۇقىدىن مىدىرلىمايدىغان پۇختا قازانلارنى ياسايدۇ. بىز ئۇلارغا: ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىڭلار، دېدۇق. ھالبۇكى بەندىلىرىم ئىچىدىن مېنىڭ نېئمەتلىرىمگە شۈكۈر قىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ