سۈرە 32 · پارە 21

سورة السجدة · 32:12

وَلَوْ تَرَىٰ إِذِ الْمُجْرِمُونَ نَاكِسُو رُءُوسِهِمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ رَبَّنَا أَبْصَرْنَا وَسَمِعْنَا فَارْجِعْنَا نَعْمَلْ صَالِحًا إِنَّا مُوقِنُونَ

ئەگەر سەن گۇناھكارلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىدىغان بولساڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالەتنى كۆرگەن بولاتتىڭ)، ئۇلار ئېيتىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) كۆردۇق، ئاڭلىدۇق. بىزنى ياخشى ئەمەل قىلىش ئۈچۈن (دۇنياغا) قايتۇرغىن، بىز (ئەمدى) ھەقىقەتەن (سېنىڭ ۋەدەڭنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) ئىشەنگۈچىلەرمىز»

تەپسىر

گۇناھكارلار قايتىدىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن قىيامەت كۈنى باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ، خار بولغان ھالدا چىقىپ كېلىدۇ. ئۇلار خارلىق ھېس قىلىپ: ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئىلگىرى ئىنكار قىلغان قايتا تىرىلىشنى كۆردۇق، پەيغەمبەرلەر سېنىڭ دەرگاھىڭدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىنىڭ راستلىقىنى ئاڭلىدۇق. شۇڭا ئەمدى بىزنى ھاياتىي دۇنياغا قايتۇرساڭ، بىز سېنى رازى قىلغۇدەك ياخشى ئەمەل قىلىۋالساق. بىز ئەمدى ھەقىقەتەن قايتا تىرىلىشكە ۋە پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن نەرسىنىڭ راستلىقىغا ئىشەنگۈچىلەرمىز، دەيدۇ. ئەگەر سەن گۇناھكارلارنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەن بولساڭ، ئەلۋەتتە بۈيۈك بىر ئىشنى كۆرگەن بولاتتىڭ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ