سۈرە 31 · پارە 21

سورة لقمان · 31:28

مَا خَلْقُكُمْ وَلَا بَعْثُكُمْ إِلَّا كَنَفْسٍ وَاحِدَةٍ ۗ إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ بَصِيرٌ

(ئى ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ (دەسلەپتە) يارىتىلىشىڭلار، (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلدۈرۈلۈشىڭلار پەقەت بىر ئادەمنىڭ يارىتىلىشى، بىر ئادەمنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشىگە ئوخشاشتۇر. اﷲ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەمەللىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر

تەپسىر

ئى ئىنسانلار! سىلەرنىڭ (دەسلەپكى) يارىتىلىشىڭلار ھەمدە قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا مۇكاپات ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرۈلۈشۈڭلار بەئەينى بىر جاننىڭ يارىتىلىشى ھەم قايتا تىرىلدۈرۈلۈشىگىلا ئوخشايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭ بىر ئاۋازنى ئاڭلىشى يەنە بىر ئاۋازنى ئاڭلىشىغا پۇتلاشمايدۇ. ئاللاھ كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭ بىر نەرسىنى كۆرۈشى يەنە بىر نەرسىنى كۆرۈشىگە پۇتلاشمايدۇ. ئەنە شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ بىر جاننى يارىتىشى ياكى قايتىدىن تىرىلدۈرۈشى يەنە بىرىنى يارىتىشىغا ۋە قايتا تىرىلدۈرۈشىگە پۇتلاشمايدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ