سۈرە 31 · پارە 21
سورة لقمان · 31:15
وَإِنْ جَاهَدَاكَ عَلَىٰ أَنْ تُشْرِكَ بِي مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ فَلَا تُطِعْهُمَا ۖ وَصَاحِبْهُمَا فِي الدُّنْيَا مَعْرُوفًا ۖ وَاتَّبِعْ سَبِيلَ مَنْ أَنَابَ إِلَيَّ ۚ ثُمَّ إِلَيَّ مَرْجِعُكُمْ فَأُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
ئەگەر ئاتا - ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن (يەنى دىنىڭغا زىيان يەتمەيدىغان ئاساستا ياخشىلىق قىلغىن)، ماڭا تائەت بىلەن قايتقان ئادەمنىڭ يولىغا ئەگەشكىن، ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن
تەپسىر
ئەگەر ئاتا - ئاناڭ يولسىزلىق قىلىپ سېنى ئاللاھقا باشقا نەرسىنى شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، بۇ ئىشتا ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن. چۈنكى ئاللاھقا ئاسىي بولۇپ تۇرۇپ مەخلۇققا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇلارغا دۇنيادا ۋاپادارلىق، سىلە - رەھىم ۋە ئېھسان قىلىش ئارقىلىق ھەمراھ بولغىن. تەۋھىد ۋە ئىتائەت بىلەن ماڭا قايتقانلارنىڭ يولىدىن ماڭغىن. ئاندىن قىيامەت كۈنى ھەممىڭلار يالغۇز مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر. مەن سىلەرگە دۇنيادا قىلغانلىرىڭلارنى ئېيتىپ بېرىپ، ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىمەن.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ