سۈرە 31 · پارە 21
سورة لقمان · 31:12
وَلَقَدْ آتَيْنَا لُقْمَانَ الْحِكْمَةَ أَنِ اشْكُرْ لِلَّهِ ۚ وَمَنْ يَشْكُرْ فَإِنَّمَا يَشْكُرُ لِنَفْسِهِ ۖ وَمَنْ كَفَرَ فَإِنَّ اللَّهَ غَنِيٌّ حَمِيدٌ
بىز لوقمانغا ھەقىقەتەن ھېكمەت ئاتا قىلدۇق، (ئۇنىڭغا ئېيتتۇقكى) «اﷲ قا شۈكۈر قىلغىن، كىمكى شۈكۈر قىلىدىكەن، ئۆزى ئۈچۈن قىلغان بولىدۇ، كىمكى كۇفرىلىق قىلىدىكەن، شۈبھىسىزكى، اﷲ (بەندىلەردىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر»
تەپسىر
بىز لوقماننى دىندا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىشلارنى لايىقىدا بىر تەرەپ قىلىدىغان قابىلىيەت ئاتا قىلدۇق ھەمدە دېدۇقكى، پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى ئىتائىتىگە مۇۋەپپقەق قىلغانلىقىغا شۈكرى قىلغىن. كىمكى پەرۋەردىگارىغا شۈكرى قىلىدىكەن، ئۇنىڭ شۈكرىسى ئۆزىگە ئەسقاتىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ شۈكرىسىدىن بىھاجەتتۇر. كىمكى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە بەرگەن نېئمىتىگە تۇزكورلۇق قىلىپ، كۇپۇرلۇق قىلىدىكەن، ئۇنىڭ كۇپرىسىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە، ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ پۈتكۈل مەخلۇقاتلىرىدىن بىھاجەتتۇر، ھەر قانداق ئەھۋالدا مەدھىيەگە لايىقتۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ