سۈرە 30 · پارە 21

سورة الروم · 30:9

أَوَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ كَانُوا أَشَدَّ مِنْهُمْ قُوَّةً وَأَثَارُوا الْأَرْضَ وَعَمَرُوهَا أَكْثَرَ مِمَّا عَمَرُوهَا وَجَاءَتْهُمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ ۖ فَمَا كَانَ اللَّهُ لِيَظْلِمَهُمْ وَلَٰكِنْ كَانُوا أَنْفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ

ئۇلار يەر يۈزىدە كېزىپ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار (يەنى ئۆتكەنلەر) قۇۋۋەتتە بۇلاردىن كۈچلۈك ئىدى. ئۇلار زىرائەت تېرىشتا، ئىمارەت سېلىشتا بۇلار (يەنى قۇرەيشلەر) دىن ئۈستۈن ئىدى. ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى (ئۇلار مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى). اﷲ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى (يەنى اﷲ ئۇلارنى گۇناھسىز ھالاك قىلغىنى يوق)، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرى (كۇفرى ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى (شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھالاك بولۇشقا تېگىشلىك بولدى)

تەپسىر

ئۇلار ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنكارچى ئۈممەتلەرنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالغانلىقىنى كۆزىتىش ئۈچۈن يەر يۈزىدە سەپەر قىلمىدىمۇ؟ ئۇ ئۈممەتلەر بۇلاردىن خېلىلا كۈچلۈك كىشىلەر بولۇپ، تېرىقچىلىق قىلىش ھەم ئىمارەتلەرنى سېلىش ئۈچۈن يەرلەرنى ئاغدۇراتتى، شۇنداقلا ئۇلار يەر يۈزىنى بۇلاردىنمۇ بەك ئاۋاتلاشتۇرغان ئىدى. ئۇلارغا (يەنى ئىلگىرىكىلەرگە) پەيغەمبەرلىرى ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان روشەن دەلىل - پاكىتلارنى كەلتۈرسە، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلىپ ئۇلارغا زۇلۇم قىلغىنى يوق، بەلكى ئۇلار كۇپۇرلۇقى بىلەن ئۆزلىرىنى ھالاكەتكە ئىتتىرىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ