سۈرە 30 · پارە 21

سورة الروم · 30:47

وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ رُسُلًا إِلَىٰ قَوْمِهِمْ فَجَاءُوهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَانْتَقَمْنَا مِنَ الَّذِينَ أَجْرَمُوا ۖ وَكَانَ حَقًّا عَلَيْنَا نَصْرُ الْمُؤْمِنِينَ

(ئى مۇھەممەد!) شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى قەۋمىگە (پەيغەمبەر قىلپ) ئەۋەتتۇق، ئۇ پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا (ئۆزلىرىنىڭ راست پەيغەمبەرلىكلىرىنى ئىسپاتلايدىغان) نۇرغۇن روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى (ئۇلار مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلىپ ئاسىيلىق قىلدى)، ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالىدۇق، مۆمىنلەرگە ياردەم قىلىش بىزگە تېگىشلىك بولدى

تەپسىر

ئەي پەيغەمبەر! شۈبھىسىزكى بىز سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئۈممەتلىرىگە ئەۋەتتۇق، پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرىنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل - پاكىتلارنى ئېلىپ كەلدى، لېكىن ئۈممەتلەر پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى ئىنكار قىلدى. ئاندىن بىز يامان ئەمەل قىلغانلارنى جازالاپ، ئازابىمىز بىلەن ھالاك قىلدۇق، پەيغەمبەرلەرنى ۋە مۇئمىنلەرنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇردۇق. مۇئمىنلەرنى قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۇلارغا نۇسرەت ئاتا قىلىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىزدۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ