سۈرە 30 · پارە 21
سورة الروم · 30:42
قُلْ سِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَانْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلُ ۚ كَانَ أَكْثَرُهُمْ مُشْرِكِينَ
(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، يەر يۈزىدە سەير قىلىڭلار، ئۆتكەنكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار (ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ جايلىرىغا قاراڭلاركى، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلىقلىرىنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغان، اﷲ تائالا ئۇلارنىڭ دىيارلىرىنى خاراپ قىلىپ، ئۇلارنى ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن ئىبرەت قىلدى)، ئۇلارنىڭ تولىسى مۇشرىك ئىدى
تەپسىر
ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، يەر يۈزىدە سەپەر قىلىپ، ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنكارچى ئۈممەتلەرنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار. ئۇلار ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە دۇچار بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشرىك ئىدى، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرەتتى. نەتىجىدە ئۇلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلىندى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ