سۈرە 30 · پارە 21
سورة الروم · 30:4
فِي بِضْعِ سِنِينَ ۗ لِلَّهِ الْأَمْرُ مِنْ قَبْلُ وَمِنْ بَعْدُ ۚ وَيَوْمَئِذٍ يَفْرَحُ الْمُؤْمِنُونَ
رۇملۇقلار يېقىن بىر جايدا يېڭىلدى، ئۇلار يېڭىلگەندىن كېيىن بىر قانچە يىل ئىچىدە يېڭىدۇ، ئىلگىرى ۋە كېيىن ھەممە ئىش اﷲ نىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر، بۇ كۈندە مۆمىنلەر اﷲ نىڭ بەرگەن ياردىمى بىلەن خۇشال بولىدۇ، اﷲ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ، اﷲ غالىبتۇر، (مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر
تەپسىر
(رۇملۇقلارنىڭ غەلىبىسى) ئۈچ يىلدىن ئاز بولمىغان، ئون يىلدىنمۇ ئېشىپ كەتمىگەن بىر مۇددەت ئىچىدە (ئىشقا ئاشىدۇ). رۇملۇقلارنىڭ غەلىبە قىلىشىدىن بۇرۇنقى ھەم ئۇنىڭدىن كېيىنكى بارچە ئىشلار يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. رۇملۇقلار پارسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان كۈندە مۇئمىنلەر خۇشاللىققا چۆمىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ