سۈرە 3 · پارە 3
سورة آل عمران · 3:81
وَإِذْ أَخَذَ اللَّهُ مِيثَاقَ النَّبِيِّينَ لَمَا آتَيْتُكُمْ مِنْ كِتَابٍ وَحِكْمَةٍ ثُمَّ جَاءَكُمْ رَسُولٌ مُصَدِّقٌ لِمَا مَعَكُمْ لَتُؤْمِنُنَّ بِهِ وَلَتَنْصُرُنَّهُ ۚ قَالَ أَأَقْرَرْتُمْ وَأَخَذْتُمْ عَلَىٰ ذَٰلِكُمْ إِصْرِي ۖ قَالُوا أَقْرَرْنَا ۚ قَالَ فَاشْهَدُوا وَأَنَا مَعَكُمْ مِنَ الشَّاهِدِينَ
ئۆز ۋاقتىدىلا اﷲ پەيغەمبەرلەردىن چىن ئەھدە ئېلىپ: «سىلەرگە مەن كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئاتا قىلدىم، كېيىن سىلەرگە، سىلەردىكى نەرسىلەرنى (يەنى كىتاب بىلەن ھېكمەتنى) ئېتىراپ قىلغۇچى بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلسە ئۇنىڭغا، ئەلۋەتتە، ئىمان ئېيتىشىڭلار كېرەك ۋە ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك» (دېدى). اﷲ: «(بۇ ئەھدىنى) ئىقرار (يەنى ئېتىراپ) قىلدىڭلارمۇ؟ شۇنىڭ (يەنە بۇ ئىش) ئۈچۈن مېنىڭ ئەھدىمنى قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «ئېتىراپ قىلدۇق» دېدى. اﷲ: «(ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە تەۋەلىرىڭلارنىڭ ئېتىراپ قىلغانلىقىغا) گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولغۇچىلاردىندۇرمەن» دېدى
تەپسىر
ئى پەيغەمبەر! ئاللاھ تائالا ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەرلەردىن تەكىتلەنگەن ئەھدە ئىلىپ ئۇلارغا: مەن سىلەر نازىل قىلىنغان كىتابنى بەردىم، سىلەرگە ھېكمەتنى ئاتا قىلدىم، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئىلىم-ھېكمەتتىن يۇقىرى مەرتىۋىگە يەتكەندىن كېيىن مېنىڭ تەرىپىمدىن پەيغەمبەر كەلسە، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سىلەر بىلەن بىرگە بولغان ئىلىم-ھېكمەتنى تەستىقلايدۇ، ئەلۋەتتە ئۇ ئىلىپ كەلگەن دىنغا ئىشىنىشىڭلار، ئۇنىڭغا ئەگىشىشىڭلار ۋە ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك، ئى پەيغەمبەرلەر! بۇ ئەھدىنى ئېتىراپ قىلدىڭلارمۇ؟ مېنىڭ قاتتىق ئەھدىمنى قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟دېگەندە، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ: ئۇ ئەھدىنى ئېتىراپ قىلدۇق دەيدۇ، ئاللاھ:ئۆزۈڭلار ۋە سىلەرنىڭ ئۈممەتلىرىڭلارنىڭ ئېتىراپ قىلغانلىقىغىمۇ شاھىت بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن سىلەرگە ۋە ئۇلارغا .شاھىت بولىمەن، دەيدۇ
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ