سۈرە 3 · پارە 3

سورة آل عمران · 3:73

وَلَا تُؤْمِنُوا إِلَّا لِمَنْ تَبِعَ دِينَكُمْ قُلْ إِنَّ الْهُدَىٰ هُدَى اللَّهِ أَنْ يُؤْتَىٰ أَحَدٌ مِثْلَ مَا أُوتِيتُمْ أَوْ يُحَاجُّوكُمْ عِنْدَ رَبِّكُمْ ۗ قُلْ إِنَّ الْفَضْلَ بِيَدِ اللَّهِ يُؤْتِيهِ مَنْ يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ

ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈمى: «مۆمىنلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە ئەتىگەندە ئىمان ئېيتىڭلار، كەچقۇرۇنلۇقى يېنىۋېلىڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار (ئىماندىن) قايتىشى مۇمكىن. پەقەت سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ئەگەشكەنلەرگىلا ئىشىنىڭلار» دېدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «توغرا يول اﷲ نىڭ يولىدۇر». (يەھۇدىيلار بى - بىرىگە ئېيتىدۇ) بىرەرسىگە سىلەرگە بېرىلگەنگە ئوخشاش ۋەھىي بېرىلىشتىن ياكى ئۇلارنىڭ (يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ) (قىيامەت كۈنى) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىشىدىن (يەنى مۇنازىرىلىشىپ سىلەرنى يېڭىپ قويۇشىدىن قورقۇپ) پەقەت دىنىڭلارغا ئەگەشكەن ئادەمگىلا ئىشىنىڭلار (دىنىڭلاردا بولمىغان ھېچ ئادەمنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلماڭلار. ئەگەر سىلەر مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىقرار قىلىپ ئۇنىڭ دىنىغا كىرمىسەڭلار، بۇ قىيامەت كۈنى سىلەرگە قارشى پاكىت بولىدۇ). (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «پەزل - كەرەم (يەنى پەيغەمبەرلىك) اﷲ نىڭ ئىلكىدىدۇر. اﷲ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ». اﷲ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، (اﷲ) ھەممىنى بىلگۈچىدۇر

تەپسىر

ئۇلار يەنە: سىلەر پەقەت سىلەرگە ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئىشىنىڭلار ۋە ئەگىشىڭلار دەيدۇ، ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئېيتقىنكى: ھەقىقەتەن توغرا يول ئاللاھنىڭ يولىدۇر، سىلەر داۋاملاشتۇرىۋاتقان يالغانچىلىق ۋە تەكەببۇرلۇقىڭلار سەۋەبلىك، سىلەرگە بېرىلگەنگە ئوخشاش ياخشىلىقنىڭ باشقا بىرىگە بېرىلىشىدىن ئەنسىرەيسىلەر ياكى ئۇلارغا يەنى مۇئمىنلەرگە نازىل قىلىنغان دىننى ئېتىراپ قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ سىلەر بىلەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ھوزۇرىدا مۇنازىرىلىشىشىدىن ئەنسىرەيسىلەر. ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلارغا ئىيتقىنكى، ھەقىقەتەن پەزلى ئاللاھنىڭ قولىدا بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى ئۆزىنىڭ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە بېرىدۇ، ئۇنىڭ پەزلى-رەھمىتى بىر ئۈممەت بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئاللاھنىڭ پەزلى -رەھمىتى كەڭرىدۇر، ئاللاھ ئۇنىڭغا كىمنىڭ ھەقلىق بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ