سۈرە 3 · پارە 3

سورة آل عمران · 3:7

هُوَ الَّذِي أَنْزَلَ عَلَيْكَ الْكِتَابَ مِنْهُ آيَاتٌ مُحْكَمَاتٌ هُنَّ أُمُّ الْكِتَابِ وَأُخَرُ مُتَشَابِهَاتٌ ۖ فَأَمَّا الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ زَيْغٌ فَيَتَّبِعُونَ مَا تَشَابَهَ مِنْهُ ابْتِغَاءَ الْفِتْنَةِ وَابْتِغَاءَ تَأْوِيلِهِ ۗ وَمَا يَعْلَمُ تَأْوِيلَهُ إِلَّا اللَّهُ ۗ وَالرَّاسِخُونَ فِي الْعِلْمِ يَقُولُونَ آمَنَّا بِهِ كُلٌّ مِنْ عِنْدِ رَبِّنَا ۗ وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّا أُولُو الْأَلْبَابِ

(ئى مۇھەممەد!) ئۇ (اﷲ) ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدى. ئۇنىڭدا مەھكەم (يەنى مەنىسى ئوچۇق) ئايەتلەر باركى، ئۇلار كىتابنىڭ (يەنى پۈتۈن قۇرئاننىڭ) ئاساسىدۇر؛ يەنە باشقا مۇتەشابىھ (يەنى مەنىسى مۇئەييەن ئەمەس) ئايەتلەر باردۇر. دىللىرىدا ئەگرىلىك بار (يەنى گۇمراھلىققا مايىل) كىشىلەر پىتنە قوزغاش ۋە ئۆز رايى بويىچە مەنە بېرىش ئۈچۈن، مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ (يەنى مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە چۈشەندۈرىدۇ). بۇنداق ئايەتلەرنىڭ (ھەقىقىي) مەنىسىنى پەقەت اﷲ بىلىدۇ. ئىلىمدا توشقانلار ئېيتىدۇ: «ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، ھەممىسى پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان. (بۇنى) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا چۈشىنىدۇ

تەپسىر

ئى مۇھەممەد ! سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەم ئاللاھ ساڭا ئايەتلىرى روشەن، ھېچ قانداق ئارىلىشىشى بولمىغان قۇرئاننى نازىل قىلدى، قۇرئان بارلىق كىتابلارنىڭ ئاساسى ۋە كاتتىسىدۇر، ئىختىلاپ بولغاندا قايتىدىغان مەنبەدۇر، ئۇنىڭدا مەنىسى مۇئەييەن بولمىغان، بىر قانچە مەنانى ئىپادىلەيدىغان ئايەتلەر بار، بۇنىڭ مەنىسى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوچۇق بولمايدۇ، دىللىرىدا ئەگىرلىك يەنى ھەقتىن باتىلغا مايىل بولۇش بولغان كىشىلەر پىتنە قوزغاش، كىشىلەرنى ئازدۇرۇش، ئۆزلىرىنىڭ بۇزۇق قاراشلىرىغا مۇۋاپىق ئۆز قاراشلىرى بويىچە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مەنىسى ئىنىق بولغان ئايەتلەرنى تەرك قىلىپ، مەنىسى ئېنىق بولمىغان ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ، بۇ ئايەتلەرنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، ئىلىمدا توشقان رەببانى ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: قۇرئاننىڭ ھەممىسىگە ئىشەندۇق، چۈنكى ئۇنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان، ئۇلار مەنىسى مۇئەييەن بولمىغان(مۇتاشابىھ) ئايەتلەرنى شۇ ئايەتتىكى تەقەززا بويۇنچە چۈشەندۈرىدۇ، بۇنىڭدىن .پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ۋەز-نەسىھەت ئالىدۇ

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ