سۈرە 3 · پارە 3

سورة آل عمران · 3:64

قُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ تَعَالَوْا إِلَىٰ كَلِمَةٍ سَوَاءٍ بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمْ أَلَّا نَعْبُدَ إِلَّا اللَّهَ وَلَا نُشْرِكَ بِهِ شَيْئًا وَلَا يَتَّخِذَ بَعْضُنَا بَعْضًا أَرْبَابًا مِنْ دُونِ اللَّهِ ۚ فَإِنْ تَوَلَّوْا فَقُولُوا اشْهَدُوا بِأَنَّا مُسْلِمُونَ

«ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت اﷲ غىلا ئىبادەت قىلىش، اﷲ قا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، اﷲ نى قويۇپ بىر - بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە (يەنى بىرخىل ئەقىدىگە) ئەمەل قىلايلى» دېگىن، ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (يەنى بۇنى قوبۇل قىلمىسا): «(ئى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار جامائەسى!) بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار

تەپسىر

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلارغا: ئى يەھۇدى ۋە ناسارالاردىن بولغان ئەھلى كىتابلار كىلىڭلار، ھەممەيلەن باراۋەر بولىدىغان بىر سۆزگە توپلىنايلى، ئىبادەتنى يالغۇز بىر ئاللاھقا قىلايلى، ھەرقانچە ئورنى يۇقىرى ۋە مەرتىۋىسى ئۈستۈن بىرى بولسىمۇ ئۇنى ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك قىلمايلى، ئاللاھنى قويۇپ بەزىمىز بەزىمىزنى ئىتائەت قىلىدىغان ۋە چوقۇنىدىغان رەب قىلىۋالمايلى، ئەگەر ئۇلار سىلەر چاقىرىلغان بۇ ھەقىقەت ۋە ئادالەتتىن يۈز ئۆرۈسە، ئى مۆمىنلەر! ئۇلارغا: گۇۋاھ بولۇڭلاركى، ھەقىقەتەن بىز ئاللاھقا تەسلىم بولغۇچى ۋە ئىتائەت قىلىش .بىلەن بويسۇنغۇچى دەڭلار

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ