سۈرە 3 · پارە 3

سورة آل عمران · 3:61

فَمَنْ حَاجَّكَ فِيهِ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَكَ مِنَ الْعِلْمِ فَقُلْ تَعَالَوْا نَدْعُ أَبْنَاءَنَا وَأَبْنَاءَكُمْ وَنِسَاءَنَا وَنِسَاءَكُمْ وَأَنْفُسَنَا وَأَنْفُسَكُمْ ثُمَّ نَبْتَهِلْ فَنَجْعَلْ لَعْنَتَ اللَّهِ عَلَى الْكَاذِبِينَ

سەن ئىسا توغرۇلۇق ھەقىقىي مەلۇماتقا ئىگە بولغىنىڭدىن كېيىن، كىملەركى سەن بىلەن مۇنازىرىلەشسە، سەن ئۇلارغا: «كېلىڭلار، ئوغۇللىرىمىزنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى، ئاياللىرىمىزنى ۋە ئاياللىرىڭلارنى، ئۆزلىرىمىزنى ۋە ئۆزلىرىڭلارنى يىغىپ، اﷲ نىڭ لەنىتى يالغانچىلارغا بولسۇن، دەپ اﷲ قا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلايلى» دېگىن

تەپسىر

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! نەجران ناسارالىرىدىن بىر قىسمى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشى توغرىسىدا ساڭا توغرا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن ئۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ئەمەس دەپ قاراپ سەن بىلەن مۇنازىرلەشسە، سەن ئۇلارغا: كىلىڭلار، ھازىر بولۇش ئۈچۈن بىزمۇ ئوغۇللىرىمىزنى چاقىرايلى، سىلەرمۇ ئوغۇللىرىڭلارنى چاقىرىڭلار، ئاياللىرىمىزنى چاقىرايلى، سىلەرمۇ ئاياللىرىڭلارنى چاقىرىڭلار، ئۆزىمىزنى تەييار قىلايلى، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى تەييار قىلىڭلار، ھەممەيلەن توپلۇشۇپ ئاللاھقا دۇئا قىلىپ يالۋۇرايلىكى، سىلەردىن ياكى بىزدىن بولغان يالغانچىلارغا ئاللاھنىڭ لەنىتى چۇشسۇن، دېگەن

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ