سۈرە 3 · پارە 3

سورة آل عمران · 3:55

إِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَىٰ إِنِّي مُتَوَفِّيكَ وَرَافِعُكَ إِلَيَّ وَمُطَهِّرُكَ مِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا وَجَاعِلُ الَّذِينَ اتَّبَعُوكَ فَوْقَ الَّذِينَ كَفَرُوا إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ ۖ ثُمَّ إِلَيَّ مَرْجِعُكُمْ فَأَحْكُمُ بَيْنَكُمْ فِيمَا كُنْتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ

ئۆز ۋاقتىدا اﷲ ئېيتتى: «ئى ئىسا! مەن سېنى (ئەجىلىڭ يەتكەندە) قەبزى روھ قىلىمەن، سېنى دەرگاھىمغا كۆتۈرىمەن (يەنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىمەن). سېنى كاپىرلاردىن پاك قىلىمەن (يەنى سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان يامانلارنىڭ شەررىدىن ساقلايمەن)، ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەتكىچە كاپىرلاردىن ئۈستۈن قىلىمەن. ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ئىش (يەنى ئىسانىڭ ئىشى) ئۈستىدە ئاراڭلاردا مەن ھۆكۈم چىقىرىمەن

تەپسىر

ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلدى، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئىسا ئەلەيھىسسالامغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: ئى ئىسا! مەن سېنى ئەجىلىڭ يەتكەندە ۋاپات تاپتۇرماستىن قەبزى روھ قىلىپ بەدىنىڭنى ۋە روھىڭنى مېنىڭ تەرىپىمگە كۆتۈرىمەن، ساڭا كاپىر بولغانلارنىڭ شەررىدىن پاكلايمەن، سېنى ئۇلاردىن يىراق قىلىمەن، ساڭا ئەگەشكەنلەرنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئىيتىش بىلەن ھەق دىندا قىلىمەن، قىيامەتكىچە ھۆججەت ۋە ئىززەت بىلەن كاپىرنىڭ ئۈستىدىن غالىپ قىلىمەن، قىيامەت كۈنىدە سىلەرنىڭ قايتىدىغان جايىڭلار يالغۇز مېنىڭ دەرگاھىمدۇر، سىلەر ئىختىلاپ قىلغان ئىش توغرىسىدا ھەق بىلەن ھۆكۈم قىلىمەن.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ