سۈرە 3 · پارە 3

سورة آل عمران · 3:52

۞ فَلَمَّا أَحَسَّ عِيسَىٰ مِنْهُمُ الْكُفْرَ قَالَ مَنْ أَنْصَارِي إِلَى اللَّهِ ۖ قَالَ الْحَوَارِيُّونَ نَحْنُ أَنْصَارُ اللَّهِ آمَنَّا بِاللَّهِ وَاشْهَدْ بِأَنَّا مُسْلِمُونَ

ئىسا ئۇلارنى (يەنى يەھۇدىيلار) دىن كۇفرىنى (كۇفرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى) سەزگەن چاغدا: «اﷲ ئۈچۈن (اﷲ قا دەۋەت قىلىش يولىدا) ماڭا كىملەر ياردەم بېرىدۇ؟» دېدى. ھەۋارىلار (يەنى ئۇنىڭ تەۋەلىرىدىن ھەقىقىي مۆمىنلەر) ئېيتتى: «اﷲ ئۈچۈن ساڭا بىز ياردەم بېرىمىز، اﷲ قا ئىمان ئېيتتۇق. گۇۋاھ بولغىنكى، بىز (پەيغەمبەرلىكىڭگە) بويسۇنغۇچىلارمىز

تەپسىر

ئىسا ئەلەيھىسسالام يەھۇدىيلارنىڭ كۇپرىدا چىڭ تۇرۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى بىلگەن ۋاقىتتا، بەنى ئىسرائىلغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاللاھقا دەۋەت قىلىش يولىدا كىم ماڭا ياردەم بېرىدۇ؟ ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدىكى ساپ-سەمىمى كىشىلەر: بىز ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىمىز، ئاللاھقا ئىشەندۇق، ساڭا ئەگەشتۇق، ئى ئىسا! گۇۋاھ بولغىنكى، بىز يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچى ۋە بويسۇنغۇچىمىز دەيدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ