سۈرە 3 · پارە 3
سورة آل عمران · 3:49
وَرَسُولًا إِلَىٰ بَنِي إِسْرَائِيلَ أَنِّي قَدْ جِئْتُكُمْ بِآيَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ ۖ أَنِّي أَخْلُقُ لَكُمْ مِنَ الطِّينِ كَهَيْئَةِ الطَّيْرِ فَأَنْفُخُ فِيهِ فَيَكُونُ طَيْرًا بِإِذْنِ اللَّهِ ۖ وَأُبْرِئُ الْأَكْمَهَ وَالْأَبْرَصَ وَأُحْيِي الْمَوْتَىٰ بِإِذْنِ اللَّهِ ۖ وَأُنَبِّئُكُمْ بِمَا تَأْكُلُونَ وَمَا تَدَّخِرُونَ فِي بُيُوتِكُمْ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
ئۇنى بەنى ئىسرائىلغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىدۇ. (ئۇ دەيدۇ) «شۈبھىسىزكى، سىلەرگە مەن رەببىڭلار تەرىپىدىن بولغان (پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم، مەن سىلەرگە لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدەك بىر نەرسە ياسايمەن، ئاندىن ئۇنىڭغا پۈۋلەيمەن - دە، اﷲ نىڭ ئىزنى بىلەن، ئۇ قۇش بولىدۇ. تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىمەن، اﷲ نىڭ ئىزنى بىلەن، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمەن، سىلەر يەيدىغان ۋە ئۆيۈڭلاردا ساقلايدىغان يېمەكلىكلەردىن خەۋەر بېرىمەن (يەنى سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئەھۋالىڭلارنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن). شۈبھىسىزكى، ئەگەر سىلەر اﷲ نىڭ مۆجىزىلىرىگە ئىشەنگۈچى بولساڭلار، بۇنىڭدا (يەنى مەن كەلتۈرگەن مۆجىزىلەردە) سىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە (مېنىڭ راستلىقىمنى كۆرسىتىدىغان روشەن) ئالامەت بار
تەپسىر
ئاللاھ ئۇنى بەنى ئىسرائىلغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىدۇ، ئۇ دەيدۇكى: مەن ھەقىقەتەن ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر، پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىر مۆجىزە ئىلىپ كەلدىم، ئۇ بولسىمۇ، مەن سىلەرگە لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياسايمەن، ئاندىن ئۇنىڭغا پۈۋلەيمەن-دە، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ھايات قۇش بولىدۇ، تۇغما كورنى ساقايتىمەن، ئۇ كۆرىدىغان بولىدۇ، بەرەس كېسىلىنى داۋالايمەن، تېرىسى ئەسلىگە كېلىدۇ، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمەن، ئاشۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بولىدۇ، سىلەر يەيدىغان ۋە ئۆيۇڭلاردا يوشۇرۇپ قويغان يىمەكلىكلەردىن خەۋەر بېرىمەن، مەن يۇقىرىدا سىلەرگە زىكىر قىلغان كاتتا ئىشلارنى ئىنسان كەلتۈرۈشكە قادىر بولالمايدۇ، ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتىدىغان ۋە ھۆججەتلەرگە ئىشىنىدىغان بولساڭلار يۇقىرىقى ئىشلار مېنىڭ سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنىڭ ئاشكارا ئالامىتىدۇر
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ