سۈرە 3 · پارە 3
سورة آل عمران · 3:47
قَالَتْ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي وَلَدٌ وَلَمْ يَمْسَسْنِي بَشَرٌ ۖ قَالَ كَذَٰلِكِ اللَّهُ يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ ۚ إِذَا قَضَىٰ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ
مەريەم: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئىنساننىڭ قولى تەگمىگەن تۇرسا (يەنى ئەرلىك بولمىسام) قانداق بالام بولىدۇ؟» دېدى. پەرىشتە: «اﷲ خالىغىنىنى شۇنداق يارىتىدۇ (يەنى ئاتا - ئانا، ئارقىلىقمۇ ۋە ئۇنىڭسىزمۇ يارىتىدۇ). بىرەر ئىشنىڭ بولۇشىنى ئىرادە قىلسا، ۋۇجۇدقا كېلىدۇ» دېدى
تەپسىر
مەريەم ئۆزىنىڭ توي قىلماي تۇرۇپ قانداق بالىسى بولىدىغانلىقىدىن ھەيران قىلىپ: مەن توي قىلمىغان ۋە ماڭا يات ئىنساننىڭ قولى تەگمىگەن تۇرسا قانداقمۇ بالام بولىدۇ؟دېدى، پەرىشتە ئۇنىڭغا: ئاللاھ ساڭا ئاتىسىز پەرزەنت پەيدا قىلغانغا ئوخشاش ئادەتتىكى پىرىنسىپقا زىت ھالەتتە خالىغان نەرسىنى پەيدا قىلىدۇ، بىر ئىشنى مەقسەت قىلسا ئۇنىڭغا بول دەيدۇ-دە بولىدۇ، ئاللاھنى ھېچ نەرسە ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ، دەيدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ