سۈرە 3 · پارە 3
سورة آل عمران · 3:44
ذَٰلِكَ مِنْ أَنْبَاءِ الْغَيْبِ نُوحِيهِ إِلَيْكَ ۚ وَمَا كُنْتَ لَدَيْهِمْ إِذْ يُلْقُونَ أَقْلَامَهُمْ أَيُّهُمْ يَكْفُلُ مَرْيَمَ وَمَا كُنْتَ لَدَيْهِمْ إِذْ يَخْتَصِمُونَ
(ئى مۇھەممەد!) بۇ - ساڭا ۋەھيى قىلىۋاتقىنىمىز - غەيب خەۋەرلىرىدىندۇر. مەريەمنى ئۇلارنىڭ قايسىسى تەربىيىسىگە ئېلىش (مەسىلىسىدە چەك تاشلاش يۈزىسىدىن) قەلەملىرىنى (سۇغا) تاشلىغان چاغدا، سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ، (مەريەمنىڭ كىمنىڭ تەربىيىسىدە بولۇشىنى) ئۆزئارا جاڭجال قىلىشقانلىرىدا سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ
تەپسىر
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان زەكەرىيا بىلەن مەريەمنىڭ خەۋەرلىرى بولسا بىز ساڭا ۋەھيى قىلغان غەيبى خەۋەرلەر جۇملىسىدىندۇر. ئاشۇ ئۆلىمالار ۋە سالىھ كىشىلەر مەريەمنى قايسىسىنىڭ تەربىيسىگە ئېلىش مەسىلىسىدە تالاش-تارتىش قىلىپ ھەتتا چەك تاشلاش يۈزىسىدىن قەلەملىرىنى سۇغا تاشلىغاندا سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ، زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلىمى لەيلەش بىلەن ئۇتۇق قازاندى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ