سۈرە 3 · پارە 3
سورة آل عمران · 3:30
يَوْمَ تَجِدُ كُلُّ نَفْسٍ مَا عَمِلَتْ مِنْ خَيْرٍ مُحْضَرًا وَمَا عَمِلَتْ مِنْ سُوءٍ تَوَدُّ لَوْ أَنَّ بَيْنَهَا وَبَيْنَهُ أَمَدًا بَعِيدًا ۗ وَيُحَذِّرُكُمُ اللَّهُ نَفْسَهُ ۗ وَاللَّهُ رَءُوفٌ بِالْعِبَادِ
ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى، يامان ئىشلىرى ئۆزىنىڭ ئالدىدا ئايان بولىدۇ، (ئۇلار يامان ئىشلىرىنى كۆرمەسلىكنى)، ئۆزى بىلەن يامان ئىشلىرىنىڭ ئارىسىدا (مەشرىق بىلەن مەغرىبنىڭ ئارىسىدەك) ئۇزۇن مۇساپە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. اﷲ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ. اﷲ بەندىلىرىگە مېھرىباندۇر
تەپسىر
قىيامەت كۈنى ھەر كىشى ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ ئالدىغا قىلغان ياخشىلىقلىرى كىمەيتىلمەستىن كەلتۈرىلىدۇ، يامان ئىش قىلغان كىشى بولسا ئۆزى بىلەن قىلغان يامانلىقىنىڭ ئارىسىدا ئۇزۇن بىر مۇساپە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، (ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئارزۇسى نەدە قالدى!) ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ، گۇناھ-مەسىيەت ئۆتكۈزۈش بىلەن ئاللاھنىڭ غەزىبىگە ئۇچرىماڭلار، ئاللاھ بەندىلىرىگە مېھرىبان بولغاچقا، ئۇلارنى قورقۇتۇپ، ئاگاھلاندۇردى
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ