سۈرە 3 · پارە 3
اللهم مالك الملك · سورة آل عمران 3:26
قُلِ اللَّهُمَّ مَالِكَ الْمُلْكِ تُؤْتِي الْمُلْكَ مَنْ تَشَاءُ وَتَنْزِعُ الْمُلْكَ مِمَّنْ تَشَاءُ وَتُعِزُّ مَنْ تَشَاءُ وَتُذِلُّ مَنْ تَشَاءُ ۖ بِيَدِكَ الْخَيْرُ ۖ إِنَّكَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
ئېيتىقىنكى، «پادىشاھلىقنىڭ ئىگىسى بولغان ئى اﷲ! خالىغان ئادەمگە پادىشاھلىقنى بېرىسەن، خالىغان ئادەمدىن پادىشاھلىقنى تارتىپ ئالىسەن؛ خالىغان ئادەمنى ئەزىز قىلىسەن، خالىغان ئادەمنى خار قىلىسەن؛ ھەممە ياخشىلىق (نىڭ خەزىنىسى يالغۇز) سېنىڭ قولۇڭدىدۇر. سەن ھەقىقەتەن ھەممىگە قادىرسەن
تەپسىر
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! پەرۋەردىگارىڭنى مەدھىيلەپ ۋە ئۇلۇغلاپ ئېيتقىنكى: ئى ئاللاھ! سەن دۇنيا-ئاخىرەتتىكى بارلىق پادىشاھلىقنىڭ ئىگىسى، خەلقىڭدىن خالىغان كىشىگە پادىشاھلىقنى بېرىسە، خالىغان كىشىدىن پادىشاھلىقنى تارتىپ ئالىسەن، ئۇلاردىن خالىغاننى ئەزىز قىلىسەن، خالىغاننى خار قىلىسەن، بۇنىڭ ھەممىسى سېنىڭ ھېكمىتىڭ ۋە ئادىللىقىڭدۇر، ياخشىلىقنىڭ ھەممىسى سېنىڭ قولۇڭدىدۇر، سەن ھەقىقەتەن ھەممىگە قادىرسەن.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ