سۈرە 3 · پارە 3
سورة آل عمران · 3:23
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ أُوتُوا نَصِيبًا مِنَ الْكِتَابِ يُدْعَوْنَ إِلَىٰ كِتَابِ اللَّهِ لِيَحْكُمَ بَيْنَهُمْ ثُمَّ يَتَوَلَّىٰ فَرِيقٌ مِنْهُمْ وَهُمْ مُعْرِضُونَ
كىتابتن نېسىۋە بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلىمالىرى) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئۆز ئارىسىدا (دەتالاش قىلىشقان ئىشلار توغرىسىدا) اﷲ نىڭ كىتابى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشقا چاقىرىلسا، ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى بۇنىڭدىن (يەنى اﷲ نىڭ ھۆكىمىنى قوبۇل قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، ئۇلار ھەقتىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر (يەنى ھەقتىن يۈز ئۆرۈش ئۇلارنىڭ تەبىئىتىگە سىڭىپ كەتكەن)
تەپسىر
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! تەۋراتنىڭ ئىلمىدىن ۋە سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنى بىلدۈرىدىغان ئىلىملەردىن نېسىۋە بېرىلگەن يەھۇدىلارنىڭ ھالىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئۆز ئارىسىدا ئىختىلاپ قىلىشسا، بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان تەۋراتقا مۇراجىئەت قىلىشنى دەۋا قىلىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۆلىمالىرى ۋە كاتىۋاشلىرىدىن بىر قىسمى ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى قوبۇل قىلىشتىن يۈز ئۆرۈيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۇلارنىڭ نەپسى-خاھىشىغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى تەۋراتنىڭ ھۆكمىگە ئەگەشكۈچى دەپ ئويلىغاندىن كېيىن، باشقا كىشىلەرگە قارىغاندا ئۇلار تىزراق بۇ ھۆكۈمگە بويسۇنىشى زۆرۈر ئىدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ