سۈرە 3 · پارە 4

سورة آل عمران · 3:199

وَإِنَّ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ لَمَنْ يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَمَا أُنْزِلَ إِلَيْكُمْ وَمَا أُنْزِلَ إِلَيْهِمْ خَاشِعِينَ لِلَّهِ لَا يَشْتَرُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ ثَمَنًا قَلِيلًا ۗ أُولَٰئِكَ لَهُمْ أَجْرُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ سَرِيعُ الْحِسَابِ

ئەھلى كىتاب ئارىسىدا ھەقىقەتەن اﷲ قا ئىمان كەلتۈرىدىغان، سىلەرگە نازىل بولغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا)، ئۆزلىرىگە نازىل بولغان كىتابقا (يەنى تەۋراتقا ۋە ئىنجىلغا) ئىشىنىدىغانلار بار؛ ئۇلار اﷲ تىن قورقىدۇ، اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرى ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى، راھىبلارغا ئوخشاش، دۇنيانىڭ ئەرزىمەس نەرسىلىرىنى دەپ ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ)، ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب بېرىلىدۇ. اﷲ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر

تەپسىر

ئەھلى كىتابلار ئوخشاش ئەمەس، ئۇلاردىن بىر جامائە ئاللاھقا ئىشىنىدۇ، سىلەرگە نازىل قىلىنغان ھەقىقەت ۋە ھىدايەتكە ۋە ئۆزلىرىگە كىتابلىرىدا نازىل قىلىنغان نەرسىلەرگىمۇ ئىشىنىدۇ، ئۇلار پەيغەمبەرلەرنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتمەيدۇ، تۆۋەنچىلىك بىلەن ئاللاھقا بويسۇنىدۇ، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ساۋابقا ئېنتىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يوقالغۇچى دۇنيانىڭ نەرسىلىرىگە تىگەشمەيدۇ، مۇشۇ سۈپەت بىلەن سۈپەتلەنگەن ئاشۇ كىشىلەر ئۈچۈن پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىدا كاتتا ساۋاپ بار، ئاللاھ بەندىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىدىن ھېسابنى تىز ئالغۇچىدۇر، شۇنىڭغا ئاساسەن تىز جازا ياكى مۇكاپات بەرگۈچىدۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ