سۈرە 3 · پارە 4

سورة آل عمران · 3:195

فَاسْتَجَابَ لَهُمْ رَبُّهُمْ أَنِّي لَا أُضِيعُ عَمَلَ عَامِلٍ مِنْكُمْ مِنْ ذَكَرٍ أَوْ أُنْثَىٰ ۖ بَعْضُكُمْ مِنْ بَعْضٍ ۖ فَالَّذِينَ هَاجَرُوا وَأُخْرِجُوا مِنْ دِيَارِهِمْ وَأُوذُوا فِي سَبِيلِي وَقَاتَلُوا وَقُتِلُوا لَأُكَفِّرَنَّ عَنْهُمْ سَيِّئَاتِهِمْ وَلَأُدْخِلَنَّهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ثَوَابًا مِنْ عِنْدِ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ عِنْدَهُ حُسْنُ الثَّوَابِ

ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى پەرۋەردىگارى ئىجابەت قىلدى: «مەن سىلەردىن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھەر قانداق بىر ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن، سىلەر بىر - بىرىڭلاردىن تۆرەلگەن. ھىجرەت قىلغانلار، يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغانلار، مېنىڭ يولۇمدا (يەنى اﷲ نىڭ دىنى ئۈچۈن) ئەزىيەت تارتقانلار، ئۇرۇشقا قاتناشقانلار، (يەنى مېنىڭ يولۇمدا ئۇرۇشقانلار) ۋە مېنىڭ يولۇمدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنى (مەغپىرىتىم ۋە رەھمىتىم بىلەن) ئەلۋەتتە، ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن». بۇ (ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن) اﷲ تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. اﷲ نىڭ دەرگاھىدا ياخشى مۇكاپات (يەنى جەننەت) بار

تەپسىر

ئاللاھ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ: مەن سىلەردىن ئەر ياكى ئايال بولسۇن، قىلغان ئەمىلى ئاز ياكى كۆپ بولسۇن ئەمىلىڭلارنىڭ ساۋابىنى زايە قىلىۋەتمەيمەن، سىلەرنىڭ بەزىڭلار بەزىڭلاردىن بولغان بىر مىللەت، ھەرگىزمۇ ئەر كىشىنىڭ ياخشىلىقى زىيادە قىلىنىپ، ئايال كىشىنىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ ساۋابى كىمەيتىلمەيدۇ، كاپىرلار يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چېقىرىۋىتىپ، ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغانلار، پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلىش يولىدا ئەزىيەتكە ئۇچرىسا، ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ، ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئالى قىلىش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلسە، مەن ئەلۋەتتە قىمايەت كۈنىدە ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى كەچۈرىمەن، كەمچىلىكىنى ئەپۇ قىلىمەن، ئۇلارنى قەسىرلىرىنىڭ ئاستىدىن ئېرىقتا سۇلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن، بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا تەڭداشسىز مۇكاپاتلار بار.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ