سۈرە 3 · پارە 4

سورة آل عمران · 3:193

رَبَّنَا إِنَّنَا سَمِعْنَا مُنَادِيًا يُنَادِي لِلْإِيمَانِ أَنْ آمِنُوا بِرَبِّكُمْ فَآمَنَّا ۚ رَبَّنَا فَاغْفِرْ لَنَا ذُنُوبَنَا وَكَفِّرْ عَنَّا سَيِّئَاتِنَا وَتَوَفَّنَا مَعَ الْأَبْرَارِ

پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن بىر چاقىرغۇچىنىڭ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) 'رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتىڭلار' دەپ ئىمانغا چاقىرغانلىقىنى ئاڭلىدۇق، ئىمان ئېيتتۇق، پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، يامانلىقلىرىمىزنى يوققا چىقارغىن، بىزنى ياخشىلارنىڭ قاتارىدا قەبزى روھ قىلغىن

تەپسىر

پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن سېنىڭ پەيغەمبىرىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىمانغا چاقىرىپ: پەرۋەردىگارىڭلار بولغان بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتىڭلار دېگەن چاقىرىقىنى ئاڭلىدۇق، چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ئىمان ئېيتتۇق، ئۇنىڭ شەرىئىتىگە ئەگەشتۇق، گۇناھىمىزنى يوشۇرغىن، رەسۋا قىلمىغىن، ناچارلىقلىرىمىزنى ئەپۇ قىلغىن، جازالىمىغىن، بىزنى ياخشى كىشىلەر بىلەن بىرگە ۋاپات تاپقۇزغىن، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ۋە يامان ئەمەللەرنى تەرك قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ