سۈرە 3 · پارە 4
سورة آل عمران · 3:183
الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ عَهِدَ إِلَيْنَا أَلَّا نُؤْمِنَ لِرَسُولٍ حَتَّىٰ يَأْتِيَنَا بِقُرْبَانٍ تَأْكُلُهُ النَّارُ ۗ قُلْ قَدْ جَاءَكُمْ رُسُلٌ مِنْ قَبْلِي بِالْبَيِّنَاتِ وَبِالَّذِي قُلْتُمْ فَلِمَ قَتَلْتُمُوهُمْ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
ئۇلار: «(تەۋراتتا) اﷲ بىزنى (ئاسماندىن چۈشكەن) ئوت يەپ كېتىدىغان بىر قۇربانلىق كەلتۈرمىگىچە ھەقىقەتەن ھېچبىر پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرمەسلىككە بۇيرۇدى» دېدى (بۇ ئىپتىرا بولۇپ، اﷲ ئۇلارنى بۇيرۇغان ئەمەس). (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە مۆجىزىلەر ۋە سىلەر ئېيتقان مۆجىزە بىلەن ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەر كەلدى؛ ئەگەر سىلەر (دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئۇلارنى نېمىشقا ئۆلتۈردۈڭلار؟»
تەپسىر
ئۇلار ئاللاھقا بۆھتان قىلىپ، يالغاننى توقۇپ: ھەقىقەتەن ئاللاھ بىزگە ئۆزىنىڭ كىتابىدا، پەيغەمبەرلىرىنىڭ تىلىغا ئاساسەن ۋەسىيەت قىلىپ، ھەر قانداق بىر پەيغەمبەر ئۆزىنىڭ سۆزىنى تەستىقلايدىغان بىر مۆجىزە ئىلىپ كەلمىسە، يەنى ئۇلار بىر سەدىقە بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىدۇ، ئۇ سەدىقەنى ئاسماندىن بىر ئوت چۈشۈپ كۆيدۈرۋېتىدۇ، شۇنداق قىلمىسا ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىككە بۇيرۇيدۇ، دەيدۇ. ئۇلار بۇ توقۇلما ۋەسىيەتنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىشتە ئاللاھقا يالغاننى چاپلىدى، پەيغەمبەرنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىلنى مۇشۇ بىر مۆجىزىگىلا مەركەزلەشتۈردى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا مۇنداق دېيىشكە بۇيرىدى: مەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر سىلەرگە ئۆزلىرىنىڭ سۆزىنى ئىسپاتلايدىغان روشەن مۆجىزىلەرنى ۋە سىلەر زىكىر قىلغان ئاللاھقا يېقىنلىشىدىغان سەدىقىنى كۆيدۈرۋىتىدىغان ئاسماندىن چۈشىدىغان ئوتنىمۇ ئىلىپ كەلدى، ئەگەر سىلەر دېگەن سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى ئىنكار قىلىپ ئۆلتۈرىسىلەر؟.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ