سۈرە 3 · پارە 4

سورة آل عمران · 3:176

وَلَا يَحْزُنْكَ الَّذِينَ يُسَارِعُونَ فِي الْكُفْرِ ۚ إِنَّهُمْ لَنْ يَضُرُّوا اللَّهَ شَيْئًا ۗ يُرِيدُ اللَّهُ أَلَّا يَجْعَلَ لَهُمْ حَظًّا فِي الْآخِرَةِ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ

(ئى مۇھەممەد!) كۇفرىغا ئۆزلىرىنى ئاتىغانلار (يەنى سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن كۇفرىغا شاپاشلايدىغان مۇناپىقلار) سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار ھەقىقەتەن (كۇفرى بىلەن) اﷲ قا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. اﷲ ئاخىرەتتە ئۇلارغا (ساۋابتىن) ھېچبىر نېسىۋە بەرمەسلىكنى خالايدۇ؛ ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ

تەپسىر

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! مۇناپىقلاردىن مۇرتەد بولۇپ دىندىن يېنىۋىلىپ كۇپىرغا ئالدىرغانلار سېنى قايغۇغا سالمىسۇن، ھەقىقەتتە ئۇلار ئاللاھغا ھېچ بىر زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۇلار ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، ئىتائەت قىلغاندىن كېيىن پەقەت ئۆز نەپسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى خارلارشنى، توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلماسلىقنى ۋە ئاخىرەتتە نېئمەتتىن نەسىۋە بولماسلىقنى ئىرادە قىلىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن دوزاختا ئېغىر ئازاب بار.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ