سۈرە 3 · پارە 4
سورة آل عمران · 3:168
الَّذِينَ قَالُوا لِإِخْوَانِهِمْ وَقَعَدُوا لَوْ أَطَاعُونَا مَا قُتِلُوا ۗ قُلْ فَادْرَءُوا عَنْ أَنْفُسِكُمُ الْمَوْتَ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
(بۇ يەنە اﷲ نىڭ) ئۇرۇشقا چىقىشنى خالىمىغان (مۇناپىقلارنى ئايرىشى ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئۆيلىرىدە) ئولتۇرۇپ قېرىنداشلىرىغا: «ئەگەر ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) بىزگە بويسۇنغان بولسا (يەنى نەسىھىتىمىزنى ئاڭلاپ ئۇرۇشتىن قايتقان بولسا)، ئۆلتۈرۈلمەيتتى» دېدى. (ئى مۇھەممەد! بۇ مۇناپىقلارغا) ئېيتقىنكى، «(ئەگەر ئۇرۇشقا چىقماسلىق ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرىدىغان بولسا) ئۆلۈمنى ئۆزۈڭلاردىن دەپئى قىلىپ بېقىڭلار، ئەگەر (دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار»
تەپسىر
ئۇرۇشقا چىقىشنى خالىماي ئۆيىدە قالغان مۇناپىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئوھۇد كۈنىدە مۇسىيبەتكە ئۇچرىغان يېقىنلىرىغا: ئەگەر ئۇلار بىزنىڭ سۆزىمىزنى ئاڭلاپ ئۇرۇشقا چىقمىغان بولسا ئۆلتۈرۈلمەيتتى دەيدۇ، ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلارغا جاۋابەن ئېيتقىنكى: ئەگەر سىلەر ئۇلار بىزنىڭ سۆزىمىزنى ئاڭلاپ ئۇرۇشقا چىقمىغان بولسا ئۆلتۈرۈلمەيتتى دېگەن سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، سىلەرگە ئۆلۈم كەلگەندە، ئۆزۈڭلارنى ئۆلۈمدىن قوغداڭلار، ئەگەر ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىقماسلىق سىلەرنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇشنىڭ سەۋەبى بولسا شۇنداق قىلىڭلار.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ