سۈرە 3 · پارە 4
سورة آل عمران · 3:165
أَوَلَمَّا أَصَابَتْكُمْ مُصِيبَةٌ قَدْ أَصَبْتُمْ مِثْلَيْهَا قُلْتُمْ أَنَّىٰ هَٰذَا ۖ قُلْ هُوَ مِنْ عِنْدِ أَنْفُسِكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
سىلەرگە يەتكەن مۇسىبەت سىلەر دۈشمەنگە يەتكۈزگەن مۇسىبەتنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىغان تۇرسا (يەنى ئۇھۇد غازىتىدا سىلەردىن 70 كىشى شېھىت بولغان تۇرسا، بەدرى غازىتىدا بولسا مۇشرىكلاردىن 70 كىشىنى ئۆلتۈرگەن، 70 كىشىنى ئەسىر ئالغان تۇرساڭلار)، سىلەر يەنە: «بۇ مۇسىبەت قەيەردىن كەلدى؟» دېدىڭلار. ئېيتقىنكى، «ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزلىرىڭلاردىن (يەنى پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىڭلار ۋە غەنمەتكە ھېرىس بولغانلىقىڭلاردىن) بولدى». اﷲ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر
تەپسىر
ئى مۆمىنلەر! ئوھۇد كۈنىدە سىلەر مەغلۇپ بولۇپ سىلەرگە مۇسىيبەت يەتكەن ۋاقىتتا، سىلەردىن بەزىلەر ئۆلتۈرۈلدى، بەدىر كۈنىدە مۇشرىكلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە ئەسىر ئىلىشتا ئۇلارنى بۇنىڭدىن ئىككى ھەسسە كۆپ مۇسىيبەتكە ئۇچراتقان ئىدىڭلار. سىلەر: بىز مۆئمىن تۇرساق، بىزنىڭ ئارىمىزدا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى تۇرسا، بىزگە بۇ مۇسىيبەت قەيەردىن كەلدى؟دېدىڭلار. ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئېيتقىنكى: سىلەرگە يەتكەن ئۇ مۇسىيبەت، پەيغەمبەرنىڭ بۇيرىقىغا ئاسىيلىق قىلىشىڭلار ۋە بۇ مەسىلىدە تالاش-تارتىش قىلغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن بولدى. ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ ۋە خالىغان كىشىنى خار قىلىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ