سۈرە 3 · پارە 4
سورة آل عمران · 3:146
وَكَأَيِّنْ مِنْ نَبِيٍّ قَاتَلَ مَعَهُ رِبِّيُّونَ كَثِيرٌ فَمَا وَهَنُوا لِمَا أَصَابَهُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَمَا ضَعُفُوا وَمَا اسْتَكَانُوا ۗ وَاللَّهُ يُحِبُّ الصَّابِرِينَ
نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر بىلەن كۆپلىگەن خۇدا جۇي ئۆلىمالار بىرلىكتە جەڭ قىلدى. ئۇلار اﷲ يولىدا يەتكەن كۈلپەتلەردىن روھسىزلانمىدى، بوشاشمىدى، باش ئەگمىدى، اﷲ ئۆزىنىڭ يولىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى دوست تۇتىدۇ
تەپسىر
ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن بولغان كۆپلىگەن جامائەت ئۇرۇش قىلدى، ئاللاھ يولىدا يەتكەن جاراھەت ۋە ئۆلۈم ئۇلارنى جىھاد قىلىشتىن قورقىتالمىدى، دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن بوشاشتۇرمىدى ۋە باش ئەگدۈرمىدى، بەلكى ئۇلار سەۋىر قىلىپ ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇردى. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ يولىدىكى قېيىنچىلىق ۋە قاتتىقچىلىققا سەۋىر قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ