سۈرە 3 · پارە 4

سورة آل عمران · 3:144

وَمَا مُحَمَّدٌ إِلَّا رَسُولٌ قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِهِ الرُّسُلُ ۚ أَفَإِنْ مَاتَ أَوْ قُتِلَ انْقَلَبْتُمْ عَلَىٰ أَعْقَابِكُمْ ۚ وَمَنْ يَنْقَلِبْ عَلَىٰ عَقِبَيْهِ فَلَنْ يَضُرَّ اللَّهَ شَيْئًا ۗ وَسَيَجْزِي اللَّهُ الشَّاكِرِينَ

مۇھەممەد پەقەت بىر پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ پەيغەمبەرلەر ئۆتتى (ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن، بەزىلىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن)؛ ئۇ ۋاپات بولسا ياكى ئۆلتۈرۈلسە، ئارقاڭلارغا يېنىۋالامسىلەر؟ (يەنى ئىماندىن يېنىپ مۇرتەد بولامسىلەر؟) كىمكى ئارقىسىغا يېنىۋالىدىكەن (يەنى مۇرتەد بولىدىكەن)، ئۇ اﷲ قا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. اﷲ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ

تەپسىر

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئىلگىرى ۋاپات بولغان ياكى ئۆلتۈرۈلگەن پەيغەمبەرلەردىن بىر پەيغەمبەر، ئەگەر ئۇ ۋاپات بولسا ياكى ئۆلتۈرۈلسە، جىھادنى تەرك قىلىپ دىنىڭلاردىن يېنىۋالامسىلەر؟، سىلەردىن كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىدىن يېنىۋالىدىكەن، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر ۋە غالىبتۇر، ھەقىقەتتە دىندىن يېنىۋالغۇچى دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش بىلەن زىيان تارتقۇچىدۇر، ئاللاھ نېئمىتىگە شۈكۈر ئېيتقۇچىلارنى، دىندا مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە ئۆزىنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىن ئىبارەت ئېسىل مۇكاپات بىلەن شەرەپلەندۇرىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ