سۈرە 3 · پارە 4

سورة آل عمران · 3:140

إِنْ يَمْسَسْكُمْ قَرْحٌ فَقَدْ مَسَّ الْقَوْمَ قَرْحٌ مِثْلُهُ ۚ وَتِلْكَ الْأَيَّامُ نُدَاوِلُهَا بَيْنَ النَّاسِ وَلِيَعْلَمَ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا وَيَتَّخِذَ مِنْكُمْ شُهَدَاءَ ۗ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ الظَّالِمِينَ

ئەگەر سىلەرگە شىكەستىلىك يەتكەن بولسا (يەنى بۇ جەڭدە سىلەر يارىلانغان ۋە شېھىت بولغان بولساڭلار)، دۈشمەنلەرگىمۇ (بەدرى جېڭىدە) ئوخشاشلا شىكەستلىك يەتتى (يەنى ئۇلار يارىلاندى ۋە ئۆلتۈردى). بۇ كۈنلەرنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىمىز (يەنى غەلبىنى ھەمىشە بىر پىرقىدە قىلماي، بىر كۈن بۇ پىرقىدە، بىركۈن ئۇ پىرقىدە قىلىمىز)، (بۇ) اﷲ نىڭ (ھەقىقىي) مۆمىنلەرنى (مۇناپىقلاردىن) ئايرىشى ئۈچۈندۇر، سىلەرنى شېھىتلەردىن قىلىشى (يەنى سىلەردىن بەزىلەرنى شېھىتلىك دەرىجىسىگە مۇشەررەپ قىلىشى) ئۈچۈندۇر، - اﷲ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ

تەپسىر

ئى مۆئمىنلەر! ئوھۇد كۈنىدە سىلەر يارىلانغان ۋە شېھىت قىلىنغان بولساڭلار، كاپىرلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش يارىدار بولدى ۋە ئۆلتۈرۈلدى، بۇ كۈنلەرنى ئاللاھ مۆئمىن ۋە كاپىر بولغان ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ، خالىغانغا غەلبە-نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ، خالىغاننى مەغلۇب قىلىدۇ، بۇنىڭدىكى ھېكمەتلەردىن: مۇناپىقلارنىڭ ئارىسىدىن ھەقىقى مۆئمىنلەرنى مەيدانغا چېقىرىش، خالىغان كىشىنى ئۆزىنىڭ يولىدا شاھادەت تىپىش بىلەن ئىكرام قىلىش قاتارلىقلاردۇر، ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشنى .تەرك قىلىش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ